ئىلمى كەلام
|
ئىلمى كەلام (ئەرەبچە: علم الكلام)، ئىسلام دىنىنىڭ ئىتىقاد\ئەقائىد ھەققىدىكى مەزمۇنلارنى تەتقىق قىلىدىغان ۋە تارىختا بۇ دائىرىدە تەرەققىي قىلغان دىنى-پەلسەپىي ئۇقۇم ۋە قاراشلار بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىلىم تۈرىگە ئىلمى كەلام دېيىلىدۇ. بۇ مەنىدە ئىلمى كەلام ئىمان بىلەن ئالاقەدار سۇئاللارغا ئەقلىي دەلىللەر كەلتۈرۈپ تۇرۇپ ئىزاھ ۋە ئىسپات كەلتۈرۈش مەقسىدى بىلەن كېڭەيتىلگەن تېئولوگىيىلىك پەلسەپەنىڭ ئىسمىدۇر. ئىمام ماتۇرىدى ۋە مۇئتەزىلە قاتارلىق كەلەمشۇناسلار ئەقىل-نەقىل تارتىشىشلىرىدا ئەقىلنى ئاساس قىلىشى بىلەن كۆزگە كۆرۈنمەكتە.
ئۆتمۈش
[تەھرىرلەش]دەستلەپتە فىقىھ ئىچىدە مۇتائىلە قىلىنغان ئىلمى كەلام، كېيىنچە ئىلمى تەۋھىد دەپ ئاتالغان. فىقىھ، ئالەمىي مەسلىلەرگە؛ ئىلمى كەلام بولسا ئىتىقادىي مەسىلىلەرگە مەركەزلەشىدۇ.
مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام زامانىسىدا نىسبەتەن تار ۋە ھەرىكەتچان ئىسلام توپلۇغىدا بەك كۆپ دىنى-پەلسەپىي تارتىشما كۆرۈلمەيىتتى. مەسىلەن، ھىجرى بىرىنچى ئەسرنىڭ ئاخىرىقى چارەكلىرىگىچە تەقدىر ھەققىدە بىر ئىتىقاد ھەققىدىكى مەزمۇن شەكلىدە تەتقىق قىلىنغقا باشلىدى.
باشلانغۇچ ئىتىبارى بىلەن ئىلمى كەلام، ئىماننىڭ ئاساسى بولمىش ئاللاھقا ئىمان كەلتۈرۈش، ئاللاھنىڭ سۈپەتلىرى بىلەن ئالاقىدار بولغان بولسىمۇ، بولۇپمۇ ئىمام غەزالىيدىن سوڭرە پۈتۈن ئىمانىي مەسىلىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كەڭ تۈردە تەتقىق قىلىشقا باشلىدى.
تەنقىدلەر
[تەھرىرلەش]تارىختا ئىلمى كەلامشۇناسلار دائىم دېگۈدەك بىر بىرىنى دىندىن چىققان مۇرتەد ياكى ئازغۇنغا چىقارغان. نۇرغۇن سۇفى ۋە ئىسلام ئالىمى بۇ تالاش-تارتىشىشلارغا كىرىشنىمۇ ئازغۇنلۇق دەپ قارىغان ۋە ئۆز ئەرگەشكۈچىلىرىنى چەكلىگەن.
مەزھەبلەر
[تەھرىرلەش]ئىلمى كەلام تالاش تارتىشلىرى نەتىجىسىدە ئوتتۇرىغا چىققان ئىتىقادىي مەزھەبلەردىن بەئزىلىرى:
- سەلەفىييە
- ماتۇرىدىيە
- ئەشئارىيە
- مۇئتەزىلە قاتارلىقلار